لوپنۇر
لوپنۇر بولسا شىنجاڭ، شىمالى كەڭلىك 40.05°، شەرىقى ئۇزۇنلۇك 90°05.
گېئولوگىيە
[تەھرىرلەش]كىلىمات
[تەھرىرلەش]ئۆسۈملۈكلەر
[تەھرىرلەش]تارىخ
[تەھرىرلەش]لوپنۇر —لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ،شۇنداقلا لوپنۇر كۆلىنىڭ نامى ،لوپنۇر رايونى تار مەنىدىن ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ كەڭ مەنىدىن چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنىمۇ يەنى،لوپنۇر كۆلى ئەتراپى رايونلىرىنى ھەم قەدىمكى كروران دۆلىتىنىڭ ئومومىي دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
لوپنۇر رايونىدا قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ياشاپ كېلىۋاتقان بولۇپ ،تىل جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر شېۋسىدە سۆزلەيدۇ .
قەدىمكى كروران دۆلىتى ھازىرقى لوپنۇر كۆلى ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونلىرى ،شۇنداقلا چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ كۆپ قسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .مىلادى 500–يىللىرى ئەتراپىدا قەدىمكى كروران دۆلىتى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ،دەريا –ئېقىنلار ئازىيىش ،كۆل سۇيى تارتىلىش ،قۇم كۆچۇش ،يات قوۋملارنىڭ ھۇجۇمى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن قۇم ئاستىدا قالغان ،بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن لوپنۇرلۇقلار تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىغا ،ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ دۆڭقان،كاچۇڭ ئەتراپلىرىغا ،بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا ھەم چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلىرىغا كۆچۇشكە مەجبۇر بولغان .ئاز قىسىم ئاھالە لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ياشىغان.
قەدىمكى كروران شەھىرى ۋە قېپقالغان لوپنۇر ئاھالىسى 1896–يىلى لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى ئابدال كەنتىدە بايقالغان .نۇرغۇن ئېكسپېدېسيىچى مۇشۇ ئاھالىنى يىپ ئۇچى قىلىپ ۋە بۇ ئاھالىدىن ئىگىلىگەن تارىخىي ماتېرىياللار ،قەدىمكى كروران شەھىرى خارابىلىكلىرىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلار ئاساسىدا قەدىمكى كروران دۆلىتىنىڭ ۋەيران بولۇش تارىخى،لوپنۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆتمۇشى ،كۆچۈش تارىخىنى ئىگىلىگەن.بۇ رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ ئۆرپ–ئادىتى،دەپنە مۇراسىملىرى ،ئىشلەپچىقىرىش ،تۇرمۇش شەكىللىرى قەدىمكى كروران ئاھالىسىنىڭ ئۆرپ –ئادەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەن .لوپنۇر ناھىيىسىدە ياشاۋاتقان لوپنۇرلۇقلار ئەجدادلىرىنىڭ لوپنۇر كۆلى ئەتراپلىرىدا ياشىغانلىقىنى ،كېيىن بۇ جايلارغا كۆچۇپ كەلگەنلىكىنى ئەستە ساقلاپ كەلگەن .بۇ يىپ ئۇچى ۋە ماددىي پاكىتلار 1896–يىلى ئېكسپېدېتسىيىچىلەر تەرىپىدىن مەركىزىي لوپنۇر رايونىدىكى ئابدال كەنتدە ئۇچرىتىلغان ،كۈنچىققانبەگ (1811–1898)ۋە ئۆردەك ئوماق (1864–1944) لاردىن ئېلىنغان .بۇ ئىككى تارىخىي شەخس لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ ،كۇنچىققانبەگ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى قەدىمكى مەھەللىدە ياشاپ كەلگەن .
لوپنۇرلۇقلار ئۇزۇندىن بۇيان سۇ ۋە ئوت –چۆپ قوغلىشىپ ،ئىلگىرى لوپنۇر كۆلى ئەتراپدىكى بوستانلىقلاردا ،كېيىن تارىم ۋە كۆنچى دەرياسى ئەتراپلىرىدا بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن .ھازىرقى لوپنۇرلۇقلار ئۆرپ –ئادەت ۋە تىل شىۋىسى ،تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن ،دەپ قارالماقتا.لوپنۇرلۇقلار ھازىرمۇ توغراق ياغىچىدىن ياسالغان قېيىقلاردىن پايدىلنىپ تارىم دەرياسىدا بېلىق تۇتىدۇ .توغراق ياغىچى قومۇشلاردىن پايدىلنىپ تۇرالغۇ ئۆي ،كەپە ،سايىۋەنلەرنى ياسايدۇ .ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا توغراق ياغىچىدىن ياسالغان تۇرلۇك بۇيۇملار ھېلىھەم ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە.
ھازىر ئۇلارنڭ دەپنە مۇراسىمى ۋە قەبرە قاتۇرۇش شەكلىدە ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىماسلىق بولسىمۇ ، ئەمما ؛لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يىڭپەن خارابىلىكى ،چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ كروران ،مىرەن خارابىلىكلرىدىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر ،مېيىتنڭ يەرلىككە قويۇلۇش ئادىتى،ئىشلىتىلگەن دەپنە بۇيۇملار ،بولۇپمۇ ‹‹قۇياش قەبرىستانلىقى ››دەپ ئاتالغان قەدىمكى ۋە بوستانلىقتىكى قەبرىلەر لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمكى تۇرمۇش ۋە ئۆرپ –ئادەتلىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان . ھۆججەت:Lopnurqedimde.jpg
قارالسۇن
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]